خىتاي مەركىزى خەۋەر تورىنىڭ 11-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى خەۋرىدە بىلدۈرىلىشىچە: 18-نويابىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونى خىتاي تىلى مائارىپى تەتقىقات بازىسى» قۇرۇلغان.
ئىگىلىنىشچە «ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونى خىتاي مائارىپ تەتقىقات بازىسى» قۇرۇلۇشى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئۇنىۋېرسىتېتقا قەدەر بولغان مۇھىم باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، خىتاي مائارىپىنى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ تەتقىقات گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇشىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.
بۇ قۇرۇلۇش ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن ، ئاتالمىش «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى» ھەرقايسى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە خىتاي مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى» تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاچقان، ھەدە ھەرقايسى ناھىيەلەر ۋە شەھەرلەردىكى باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپ مەسئۇللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، خىتاينىڭ دەرسلىك ئۆلچىمى ۋە يېڭى دەرسلىكلەر ھەققىدە، خىتاي تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا بىر يۈرۈش مۇزاكىرە ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغان.
خىتاي ئانالىزچىلىرىنىڭ دېيىشىچە: بۇ يىغىننىڭ چاقىرىلىشى ئاتالمىش «شىنجاڭ» دىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە خىتاي مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئىنتايىن پايدىلىق بولۇپ ، ھەر مىللەت ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي ئورتاق تىلنى ئۆگىنىشى، تىلغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدىكەن، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە سوتسىيالىستىك مەدەنىيىتىنى ھەمدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى ختايلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن سوتسىيالىزم ھەققىدىكى يېڭى ئىدىيىسىنى چۈشىنىشتە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىكەن.