Press "Enter" to skip to content

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا يېڭى تاموژنا قۇرۇلۇش پىلانىنى ئېلان قىلدى

خىتاي تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ 2-ئايىنىڭ 23-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئاتالمىش « شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى» تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «2023-2026 يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تاموژنا قۇرۇلۇش پىلانى» نى ئېلان قىلغان ۋە يولغا قويغان. بۇ خىتاي دۆلىتىنىڭ تۇنجى بولۇپ ئېلان قىلغان «بىر پورت ، بىر سىياسەت» نى ئاساس قىلغان يېڭىچە تاموژنا قۇرۇلۇش پىلانى ئىكەن.

خىتاينىڭ بۇ پىلانىغا ئاساسەن بۇ قۇرۇلۇش 2026-يىلىنىڭ ئاخىرىدا رەسمى تاماملىنىپ، يۈك توشۇش مىقدارىنى ھازىرقىدىن بىر قاتلاپ، 100 مىليون توننىغا يەتكۈزىدىكەن. زىيارەتچىلەرنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىش قېتىم سانى ھازىرقىدىن % 60 يۇقىرى كۆتۈرلۈپ، 8 مىليون زىيارەتچىگە يەتكۈزۈش پىلانلىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يېڭى پىلانىدا، ھازىرقى بار بولغان تاموژنىلارنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، ئاقچى ناھىيەسىدىكى بەدەرى چېگرا ئېغىزىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلىشىنى يولغا قويۇپ ، قونجېراب تاموژنىسىنىڭ يىل بويى ئېچىۋېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمدە چۆچەكتىكى باقتۇ تۆمۈر يول تاموژنىسى ۋە خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈر يول تاموژنىلىرىنىڭ دائىملىق ئېچىۋېتىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

يەنە ئۇنىڭدىن باشقا ئايرودروم تىپىدىكى خەلقئارالىق ئەشيا ئوبوروت مەركىزى تاموژنا قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىپ، ئۈرۈمچى ئاۋىئاتسىيە تاموژنىسىنى مەركەز قىلغان غەربكە ئېچىۋېتىلگەن «ئاۋىئاتسىيە يىپەك يولى» نىڭ ئاۋىئاتسىيە يېڭى تاموژنىسىنى قۇرۇشنى پىلان قىلغان. خىتاي بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستانغا قوشنا دۆلەتلەر بىلەن چېگرا ئېغىزلىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ، بۇ ئەۋزەل شارائىتلاردىن تېخىمۇ ئ‍ۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، بۇ چېگرا رايونلاردىن يۈك ۋە زىيارەتچىلەرنىڭ ئۆتۈش ئۈنۈمىنى بىرلىكتە كېڭەيتمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG