Press "Enter" to skip to content

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن تۈزۈلگەن ئاتالمىش «دىنىي ئىشلار نىزامى» ئېلان قىلدى

خىتاي تەڭرىتاغ تورىنىڭ 1-ئاينىڭ-4 كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە: يېڭىدىن تۈزىتىلگەن ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىنىي ئىشلار نىزامى» نى ئېلان قىلغان بولۇپ، يېڭىدىن تۈزۈلگەن بۇ ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىنىي ئىشلار نىزامى»، 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يەتتىنچى يىغىنىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ ماقۇللانغان ئىكەن، ۋە بۇ نىزام نامە 2024-يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمى يولغا قويۇلىدىكەن.

ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، بىر قاتار مۇھىم ماددىلار ئوتتۇرىغا قويىلغان، بۇ ماددىلارنىڭ بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

3-ماددا: پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بار، ھەر قانداق بىر تەشكىلات ياكى شەخس پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى دىنغا ئىشەنمەسلىككە قىزىقتۇرالمايدۇ ياكى زورلىمايدۇ ، شۇنداقلا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنى ياكى دىنغا ئىشەنمەيدىغان پۇقرالارنى كەمسىتمەيدۇ.

5-ماددا: دىنىي گۇرۇپپىلار ، دىنىي مەكتەپلەر ، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى ، دىنىي زاتلار ۋە دىنىي پۇقرالار چوقۇم ئاساسىي قانۇن نىزام ۋە قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشى ، يادرولۇق سوتسىيالىستىك قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشى ، ئەمەل قىلىشى ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىقنى قوغدىشى كېرەك ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ، دىنىي ئىناقلىق ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتتى قوغدىشى كېرەك.

ھەر قانداق بىر تەشكىلات ياكى شەخس دىننى ئىشلىتىپ دۆلەتنى پارچىلايدىغان ، دىنىي ئاشقۇن ئىدىيىلەرنى تارقىتىدىغان ، مىللىي ئۆچمەنلىكىنى قوزغايدىغان ، زوراۋان تېرورلۇقنى ئېلىپ بارىدىغان ، مىللىي ئىتتىپاقلىقنى بۇزىدىغان ، جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان ياكى پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارسا بولمايدۇ.

دىندىن پايدىلىنىپ، دۆلەت باشقۇرۇش ، مائارىپ ، مەدەنىيەت ، نىكاھ ، پىلانلىق تۇغۇت ، مىراس ۋە باشقا تۈزۈملەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتى ، ئىجتىمائىي جامائەت مەنپەئىتى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا پائالىيەتلەرنى قىلىشقا بولمايدۇ.

14-ماددا دىنىي ئۇنىۋېرسىتېتلار خىتايچە ئالاھىدىلىكى بار مەكتەپلەرنى يولغا قويۇش ، مەكتەپلەرنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ ، مائارىپ ۋە ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، مەكتەپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ۋەتەنپەرۋەر دىنىزاتلارنى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش.

26 – ماددا يېڭىدىن سېلىنغان ياكى رېمونت قىلىنغان ، كېڭەيتىلگەن ياكى قايتا ياسالغان دىنىي سورۇنلار بىناكارلىق ، ھەيكەلتىراشلىق ، رەسىم ، بېزەكچىلىك قاتارلىق جەھەتلەردە خىتايچە ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇسلۇبىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك.

46 – ماددا ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخس قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا تەشكىللىسە ، قىزىقتۇرسا ياكى زورلىسا بولمايدۇ.

47-ماددا: ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخس دىنىي ئاشقۇن ئىدىيىلەرنى تەشۋىق قىلىشقا ، تارقىتىشقا ۋە تارقىتىشقا بولمايدۇ ، دىنىي رادىكال پائالىيەتلەرگە قاتناشسا بولمايدۇ ، دىنىي تۈس ئالغان تاشقى قىياپەت ، كىيىم-كېچەك ، بەلگە قاتارلىقلارنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، باشقىلار دىنىي ئاشقۇن كىيىملەرنى كىيىشكە تەرغىپ قىلىشقا بولمايدۇ.

48 – ماددا دىنىي نەشىر بۇيۇملىرىنىڭ تارقىتىلىشى ۋە بېسىلىشى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئىشلار تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتۈشى كېرەك ، ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ۋە نەشرىيات مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ تەستىق گۇۋاھنامىسى ئېلىشى كېرەك.

ھەر قانداق بىر تەشكىلات ياكى شەخس قانۇنسىز ھالدا چەتئەلدىكى دىنىي رادىئو-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى قانۇنسىز ئاڭلىيالمايدۇ ، كۆرەلمەيدۇ ۋە تارقىتالمايدۇ.

دىگەندەك بىر قاتار ماددىلارنى ئېلان قىلغان.

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG