Press "Enter" to skip to content

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللەتلەرنىڭ «بىرلىشىپ ياشاش نىزامى» نى ئېلان قىلدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللەتلەرنىڭ «بىرلىشىپ ياشاش نىزامى» نى ئېلان قىلدى

خىتاينىڭ توڭشىن خەۋەر تورىنىڭ 12-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە: خىتاي 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6-قېتىملىق يىغىنىدا خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ» دىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا ئارىلىشىپ ياشاش، ئۆز-ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە بىرلىشىپ ياشاشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۇنجى» دۆلەت نىزامىنى ئېلان قىلغان.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىلى رايونىدا خىتاي ، قازاق، ئۇيغۇر ، خۇي ۋە موڭغۇل قاتارلىق 47 مىللەت ئولتۇراقلاشقان كۆپ مىللەتلىك شەھەر بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوننى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىدىكى ئۈلگىلىك رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىدىكەن.

خىتاينىڭ يېڭى بەلگىلىمىسىدە دېيىلىشىچە: خىتاي دۆلىتى قانۇن چىقىرىش كومىتېتى بۇ رايوندا كۈچلۈك مەھەللە ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈش، ھەمدە بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ، دىنىي ئېتىقادى ، مىللىي ئۆرپ-ئادىتى ، ئىدېئولوگىيىسى ۋە روھىي ھالىتى قاتارلىقلارنى ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈشنى نىشان قىلغان بۇ بەلگىلىمە ئىكەن.

بۇ بەلگىلىمە: بۇ رايوندا ياشايدىغان ھەر مىللەت كىشىلىرىنى شەرەپ ۋە نومۇس ، ھايات ۋە ئۆلۈم ۋە تەقدىر قىسمىتى ئورتاقلاشقان مەھەللە ئۇقۇمىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا ۋە خىتاي مىللىتى ئارىسىدىكى مەھەللە ئۇقۇمىنى، بارلىق مىللەتلەرگە سىڭدۈرگەن ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە مەھەللە مۇھىتى قۇرۇلۇشىنى تەدرىجىي تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسى ئىكەن.

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG