Press "Enter" to skip to content

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن كۆمۈر توشۇشنى تىزلەتمەكتە

  خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقى تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە: 1-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 18 دىن 18 مىنۇت ئۆتكەندە ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىدىكى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ ئاتالمىش «جۇندۇڭ ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا تەرەققىيات رايونى»  ۋوگزالىدىن 52 ۋاگونغا كۆمۈر قاچىلانغان پويىز بىۋاستە نىڭشياغا قاراپ يولغا چىققان، بۇ پويىزنىڭ يولغا چىقىشى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېيىشىچە؛ ئاتالمىش «شىنجاڭ» دىن بىۋاستە نىڭشياغا كۆمۈر يۆتكەيدىغان بۇ تۆمۈر يولنىڭ ئېچىلىشى، ئاتالمىش «شىنجاڭ كۆمۈر ئېكسپورتى» ئىقتىدارىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، شۇنداقلا خىتاي دۆلىتىنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنىڭ ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە بولغانلىقى دەپ كۆرسەتكەن.

  بۇ  تۆمۈر يول شەرقىي تۈركىتساننىڭ قۇمۇل شەھىرىگە جايلاشقان، ئاساسلىق لىنىيىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 429.9 كىلومىتىر بولۇپ، يۈك توشۇش يولى ئىچىدىكى 1-دەرىجىلىك تۆمۈر يول ھېسابلىنىدىكەن.

  بۇ تۆمۈر يولنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان ئاتالمىش «جۈندۇڭ ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا تەرەققىيات رايونى» نىڭ مۆلچەرلەنگەن كۆمۈر زاپىسى تەخمىنەن 390 مىليارد توننا بولۇپ ، شەرقىي تۈركىستاندىكى بەش چوڭ كۆمۈر كاننىڭ بىرى ئىكەن، بۇ جاي خىتاي دۆلەت ئورگانلىرى بەلگىلىگەن 14 چوڭ كۆمۈر بازىسىنىڭ مۇھىم بىرى ئىكەن.

  جياڭناۋ تۆمۈر يول شىركىتىنىڭ لىدىرى ياڭ شۈنچىڭنىڭ دېيىشىچە: 2023-يىلى شىنجاڭنىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش سۈرئىتى تېز سۈرئەتتە كېڭەيدى، بۇ يىلى تۆمۈر يول ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ سىرتىغا توشۇلىدىغان كۆمۈر زاپىسى تەخمىنەن 60 مىليون 311 مىڭ توننىدىن ئاشقان.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG