خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 10-يانۋاردىكى خەۋىرىدە دېيىشچە: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 1-ئاينىڭ 8-كۈنى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيىسىدە 2024-يىللىق ژۇرنالىستلار ۋە تالانتلىق ئىنتېرنېت چولپانلىرىنى بايقاش ، پىلانلاش ، يېزىش ، سۈرەتكە ئېلىش ، يېڭىلىق يارىتىش، خەۋەر ۋە تەشۋىقات مۇخبىرلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەربىيىلەش ۋە مەشىق پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان.
خىتاي لوپ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بەي شيۇچيەن ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ: بىز چوقۇم تەپەككۇرىمىزنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز ، ۋەزىيەتنى ئېنىق چۈشىنىشىمىز ، خەۋەر مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىز كېرەك، تەشۋىقات خىزمىتى پرىنسىپلىرىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ئالاقىدار ياخشى ئىجتىمائىي تەشۋىقات كەيپىياتى يارىتىشقا ئاساس سېلىش كېرەك،
لوپۇ ناھىيەسىمۇ تېخىمۇ تېز ۋە تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشى كېرەك، كۈچلۈك جامائەت پىكىرى توپلاپ ۋە ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ، لوپ ناھىيىسىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
بۇ قېتىملىق تەربىيىلەش خىتاينىڭ رايونلۇق ئۇنىۋېرسال ئاخبارات مەركىزى ، لوپ ناھىيىلىك پارتىيە مەكتىپى ، لوپ ناھىيىلىك ئۇنىۋېرسال ئاخبارات مەركىزى ، تور بوشلۇقى ئىشخانىسى ۋە باشقا ئورۇنلاردىكى كەسپىي خادىملارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان