Press "Enter" to skip to content

خىتاي شەرقىي تۈركىستدا 148 مۇھىم ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى تاماملىغان

  «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 1-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە: 8-يانۋار، مۇخبىرنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى (ئىسلاھات ئىشخانىسى) دىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا : ئاتالمىش «شىنجاڭ» نىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات قاتارلىق مۇھىم ساھەلەردە 148 تۈرنى مۇۋاپىقيەتلىك تاماملاپ،  2023-يىل بۇ رايوندىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئىسلاھات ۋەزىپىسى تولۇق ئورۇندىلىپ ، 33 ئىسلاھات سىناق تۈرى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىسلاھاتتا ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بايان قىلغان.

  خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە 2023-يىلى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، غەربكە ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، زامانىۋى سانائەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ ، دېھقانچىلىق ۋە يېزا ئىسلاھاتى قۇرۇلۇشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە ۋە بايلىق ئاساسى ، ھەمدە رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئىستراتېگىيىلىك ، ئىجادچان ۋە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئالتە جەھەتتىكى ئىسلاھاتنى تېزلىتىپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ» نىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ئىگىلىگەن.

  خىتاي ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇش ئارقىلىق،  190 دۆلەت ۋە رايون بىلەن  ئاتالمىش «شىنجاڭ»  ئارىسىدا ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىق ئورناتقان، ھەم «بىر پورت ، ئىككى رايون ، بەش چوڭ مەركەز ۋە پورت ئىقتىسادىي بەلۋاغ» قۇرۇلۇشى تېزلەتكەن، تاشقى سودا كۆلىمى جەھەتتە يېڭى بۆسۈشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، ئىمپورت ۋە ئېكسپورت ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 45 ئېشىپ ، يېڭى رېكورت ياراتقان، بۆرتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئىسلاھات سىنىقىدىن ئۆتۈپ ، «يول پورتى + تېررىتورىيىلىك بىۋاسىتە ئۇلىنىش» ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تاموژنىدىن ئۆتۈش ھەققىنى% 60 تۆۋەنلىتىپ ۋە ۋاقىتنى% 90 قىسقارتقان.

يەنە ئۇنىڭدىن باشقا ، ئاتالمىش «ئاپتونوم رايون» نىڭ ئالاھىدە ۋە ئەۋزەل سانائەت توپىنى يېتىشتۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ ،  ، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى كېڭەيتىپ، بۇ رايوندىكى قېزىلما بايلىقلارنى بايقاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، ئاساسلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلارنىڭ يېتەكچى ئورنىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ ، سانائەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەرەققىياتىنىڭ كاپالەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، مەھسۇلات ۋە تاۋار يۆتكەش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات تەرەققىياتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ يۇقىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلىرىدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ رايون ئەۋزەللىكىدىن ۋە پۈتۈن بايلىقىدىن ئۆزى خالىغانچە پايدىلىنىپ قانائەتلىنەرلىك مول ھوسۇل ئالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG