Press "Enter" to skip to content

خىتاي سۇ تېجەش باھانىسى بىلەن سۇ بايلىقىنى كونترول قىلماقچى

  خىتاي تەڭرىتاغ تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى خەۋرىدە بىلدۈرىلىشىچە، ئاتالمىش « ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى» 5-ئاينىڭ 16-كۈنى جىددى يىغىن چاقىرىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ بايلىقىنى كونترول قىلىش ۋە چەكلەش سېستىمىسىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان، شۇنداقلا 2024-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى سۇ بايلىقىنى قاتتىق باشقۇرۇشنى مۇھىم ۋەزىپە سۈپىتىدە  ئورۇنلاشتۇرغان. 

  ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى» ما شىڭرۈي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش ۋە مۇۋاپىق ئىشلىتىشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاساسلىق سۇ تېجەش تۈرلىرى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە ئاساسلىقى دەريا ۋادىسى باشقۇرۇش سىستېما قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ھەربىي رايونلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدىغانلىقىنى ۋە ئاتالمىش «شىنجاڭ» نىڭ شىمالىدىكى «ئالتە دەريا ۋە بىر كۆل» نىڭ سۇ باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىش خىزمىتىنى جىددى ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

  يىغىندا تەكىتلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇھىم سۇ بايلىقلىرىدىن بىرى بولغان قايدۇ دەرياسى ۋە كۆنچى دەرياسى سۇ بايلىقىنى ئېچىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ سۇ بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كۆل، دەريا، دېھقانچىلىق ۋە باشقا سۇ تېجەش تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى پۇختىلاپ،  ھەرقايسى دەريا ۋادىلىرى بىلەن بىرلەشمە تەڭشەش ۋە كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش خىزمىتىنى جىددى ئىشلەش كېرەكلىكى ھەققىدە جىددى قارارلار ئېلىنغان.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG