Press "Enter" to skip to content

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى دۇنيا خەلقىنى شەرقىي تۈركىستانغا دەۋەت قىلدى

خىتاي يەرشارى تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 5-يانۋار چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىپ كىتىشىنى، ئاتالمىش «شىنجاڭ» نىڭ ئىشىكىنىڭ دۇنيا خەلقىگە ھەمىشە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى، كىشىلەرنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ» غا كېلىپ، بۇ جاينىڭ گۈزەللىكىنى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئېنىقلىقىنى، بۇ رايوننىڭ ئىنتايىن گۈللەنگەن ۋە ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشىنى ۋە ھېس قىلىشىنى قارشى ئالىمىز دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

ۋاڭ ۋېنبىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە مۇنداق دېگەن: ئۆتكەن بىر يىلدا قازاقىستان ، قىرغىزىستان ، ئۆزبېكىستان ، پاكىستان ، ھىندونېزىيە ، مالايسىيا ، ياپونىيە ، مىسىر ، فرانسىيە ، گېرمانىيە ، شۋېتسارىيە ، كانادا ، ئەرەب بىرلەشمىسى ، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە باشقا دۆلەتلەر 400 گە يېقىن ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن كەلگەن 4300 دىن ئارتۇق چەتئەللىك مېھمان شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدى،

ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ، دىپلوماتىك ئەلچىلەر ، دىنىي زاتلار ، مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئالىملار ، ئاخبارات مۇخبىرلىرى ۋە ئادەتتىكى كىشىلەر ھەم بار، ئۇلار ئاتالمىش «شىنجاڭ» دىكى نۇرغۇن جايلارنى ۋە بۇ رايوندىكى مەسچىتلەرنى زىيارەت قىلدى، ھەم ئىسلام مەدرىسى قاتارلىق دىنى بىلىم يۇرتلىرىدىكى دىنىزاتلارنىڭ نەق مەيداندىكى دىنىي تەلىم، ۋە ۋەز-نەسىھەتلىرىنى ئاڭلىدى،ھەم ھەرقايسى شەھەر ۋە رايونلارنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتىنى ، زاۋۇت ، كارخانا ۋە ھەر ساھەدىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەرەققىياتىنى تەپسىلى كۆزدىن كەچۈردى، شۇنداقلا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆيلىرىگىچە بېرىپ زىيارەت قىلىپ، كىشىلەرنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا شاھىت بولدى، دۇنيا خەلقىنىڭ ھەم بۇ رايونغا كېلىپ ھەقىقەتنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشىنى قارشى ئالدىغانلىقىنى جار سالغان.

ئۇ يەنە: غەربتىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ» دىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «مەجبۇرىي ئەمگەك» توغرىسىدا يالغان ۋە مىش-مىش پاراڭلارنى تارقىتىپ، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئابرويىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشكە ئورۇندى، ئۇلار ئەمما؛ ھازىر غەززە ۋە باشقا جايلاردا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك پاجىئەسىگە كۆز يۇمدى ، بۇ «ئۇلارنىڭ مۇناپىقلىقى ۋە ئىككى يۈزلىمىچىلىكىنى» نى تولۇق ئاشكارىلىدى دېگەنلەرنى بىلجىرلىغان.

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG