Press "Enter" to skip to content

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن مۇخبىرلارنىڭ سۆزىگە جاۋاپ بەردى

  خىتاي خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تورىنىڭ 21-مارتتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن 20-مارت قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شېنجېن تېلېۋىزىيە مۇخبىرىنىڭ: «خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن 18-چېسلا سېئۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچىنچى قېتىملىق دېموكراتىيە رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىدا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ بۇلتۇر ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليارد دوللار خەجلەپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى بۇرمىلاش تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغانلىقى، خىتاينىڭ ئافرىقا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينى قوللايدىغان نۇرغۇن خەۋەرلەرنى تارقىتىدىغانلىقىنى دېگەن ئىدى. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟»  دېگەن سوئالىغا: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېننىڭ مۇناسىۋەتلىك  بۇ سۆزىگە قەتئىي نارازىلىقىنى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ھەم ئامېرىكىغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ. ئاتالمىش دېموكراتىيە باشلىقلار يىغىنىدىن پايدىلىنىپ دېموكراتىيە بىلەن مۇستەبىتلىكىنى ئارىلاشتۇرۇپ مۇبالىغىلەشتۈرۈشنىڭ ئۆزى بىر يالغانچىلىق. خىتاينى يالغان ئۇچۇر تارقىتىش بىلەن ئەيىبلەشنىڭ ئۆزى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قىلىنغان ئېغىر ھاقارەت بۇنىڭ ئۆزى بىر يالغان ئۇچۇر. ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يالغان ئۇچۇر تارقاتقۇچى دۇنيا بۇنى ئېنىق كۆرىدۇ،»دەپ جاۋاپ بەرگەن.

  ئۇ يەنە «خىتاينىڭ ئىقتىسادى مۇقىملاشماقتا ۋە ياخشىلىنىۋاتىدۇ ، ئەمما ئامېرىكا خىتاينىڭ يىمىرىلىش نەزەرىيىسى ۋە چوققا نەزەرىيە نى قىياس قىلىۋاتىدۇ. خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە كۆپلىگەن پايدىلارنى ئېلىپ كەلدى.  ئەمما ئامېرىكا ئاتالمىش قەرز تۇزىقى ​​پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتى جامائەت پىكىرىنى كونترول قىلىدۇ دەۋاتىدۇ.شىنجاڭنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتى ۋە تەدبىرلىرى، ئامېرىكا تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ قارىلىنىۋاتىدۇ. ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇدىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا سىياسىئونلىرى ئامېرىكىنىڭ ئاخبارات سېتىۋېلىش قاتارلىق مەخپىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق خىتايغا تۆھمەت چاپلىغانلىقىنى بىر نەچچە قېتىم ئېتىراپ قىلدى. بۇلار ئامېرىكانىڭ تەشكىللىك ۋە پىلانلىق ھالدا خىتاي ھەققىدە يالغان ئۇچۇر تارقاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئامېرىكانىڭ پىلانلىق ھالدا خىتايغا مۇناسىۋەتلىك يالغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىشى ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى بىلىش جېڭىنىڭ مۇھىم ۋاستىسى بولۇپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئامېرىكا خىتاي ھەققىدە ئۆسەك سۆزلەرنى تارقىتىش، تۆھمەت چاپلاش ۋە ئاممىنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن كۆپلىگەن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. بۇنىڭغا ئوخشاش يالغانچىلىق ۋە سۇيىقەست ئاخىرىدا ئامېرىكانىڭ ئۆزىگە قايتىدۇ. بۇنداق قىلىش داۋام قىلىۋەرسە ئامېرىكا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچىسىدىن بارغانچە يىراقلايدۇ.  ھېسابتا ئامېرىكانىڭ ئېرىشىدىغىنى بارغانسېرى ناچار نام بولىدۇ. كېيىن بۇ نامنى يوقىتىش تەسكە توختايدۇ».دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG