Press "Enter" to skip to content

خىتاينىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت بايلىقلىرى سودا يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

 خىتاي كۈندىلىك گېزىتى تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە، 26-مارتتىن 27-مارتقىچە، خىتاي 13-نۆۋەتلىك ئاتالمىش «شىنجاڭ» مەدەنىيەت ساياھەت بايلىقلىرى سودا يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ يىغىن ئاتالمىش «شىنجاڭ» ساياھەت مۇلازىمەت كەسپى سودا ئۇيۇشمىسى ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ يىغىنغا ئاتالمىش «ئاپتونوم رايون» دىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر، خىتاي دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەدەنىيەت ساياھەت كارخانىچىلىرى،  ئاتالمىش مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئالىملار، ھەرقايسى ساياھەت كوپىراتىپلىرى ۋە مېھمانساراي خادىملىرى قاتارلىقلار قاتناشقان.

 بۇ ئىككى كۈنلۈك يىغىندا، مەدەنىيەت ساياھەت تۈرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ، ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ خىزمەت يەرمەنكىسى، مەدەنىيەت ساياھەت مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ» نىڭ مول تەبىئىي ۋە مەدەنىيەت مەنزىرىسى ۋە مەدەنىيەت ساياھەت ئورۇنلىرى تونۇشتۇرۇلغان. ھەمدە قاتناشقان شىركەتلەر ۋە شەخسلەر ئارىسىدا ئۆز-ئارا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئورناتقان. يىغىن جەريانىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى بۇرمىلاپ تەشۋىق قىلغان. يەنە ئۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىلنى ئىقتىدار تېخنىكىسى، سانائەتتىكى رىقابەت ۋە پۇرسەتلەر، بۇ رايوندىكى  ئاتالمىش مەدەنىيەت ئالمىشىش تەرەققىياتى،  ۋە باشقا ساھەلەر ھەققىدە تونۇشتۇرۇش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان.

 خىتاي بۇ يىغىن ئارقىلىق ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون» دىكى مەدەنىيەت ساياھەت بايلىقىنى ۋە بۇ رايوننىڭ سودا تەرەققىياتىنى  ئىلگىرى سۈرۈش باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە جىنايەتلىرىنى يۇشۇرۇپ، بۇ رايونغا تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلەرنى جەلىپ قىلىش چاقىرىقى ئېلىپ بارغان.

تەييارلىغۇچى:ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG