Press "Enter" to skip to content

خەۋەرلەر

شەرقىي تۈركىتساننىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتى 287 مىليارد 330 مىليون يۈەن بولغان

خىتاي خەلق تورىنىڭ 11-ئاينىڭ16-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە: ئاتالمىش «شىنجاڭ» نىڭ ئالدىنقى ئون ئايدىكى تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 287 مىليارد 330 مىليون يۈەندىن ئاشقان.

قەشقەر خەلقئارالىق پوچتا ئىدارىسى رەسمىي خىزمەت باشلىدى

خىتاي خەلق تورىنىڭ 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە: 12-نويابىر كۈنى ، قەشقەر خەلقئارا پوچتا ئىدارىسى رەسمىي خىزمەت باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قەشقەر ۋىلايەتلىك كومىتېت مەمۇرىي ئىشخانىسى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ، قەشقەر تاموژنىسى ۋە باشقا تارماقلارنىڭ ئورتاق ھەمكارلىقى بىلەن ، ئاتالمىش «شىنجاڭ» نىڭ جەنۇبىدىكى تۇنجى خەلقئارالىق پوچتا ئىدارىسى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادا مەدەنىيەت تەشۋىقات پائالىيىتىنى باشلىۋەتتى

خىتاي خەلق تورىنىڭ 15 نويابىردىكى خەۋرىدە دېيىلىشىچە: خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» مەدەنىيەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 5-نويابىردىن 15-نويابىرغىچە قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا كەڭ كۆلەملىك «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدا سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن، ھەمدە بىر يۈرۈش مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ساياھەتچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان.

خىتاي-قازاقىستان ئۆز-ئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى 10-نويابىر رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە: 11-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەتىگەندە ، قورغاس تۈمۈر يول پورتىنىڭ بىرلەشمە تەكشۈرۈش زالى «خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى» دىن كېيىن تۇنجى تۈركۈمدىكى چېگرادىن كىرگەن يولۇچىلارنى كۈتۈۋالدى، بۇ كېلىشىم 10-نويابىر كۈنى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغان.

قىبرىس ئىشچىلار پارتىيىسى ئەزاسى نىكوس شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدى

خىتاي تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ 11-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە: قىبرىس ئەمگەك تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى، قىبرىس مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە ئىقتىساد مىنىستىرى نىكوس يۈەننۇ Nikos Yuannu شەرقىي تۈركىستاندا ئۈچ كۈنلۈك زىيارەتتە بولغان.

ئامېرىكالىق تەتقىقاتچىلار ئ‍ۇيغۇر تىۋىپلىرىنىڭ 2700 يىل بۇرۇن مېڭە ئوپېراتسىيىسى قىلغانلىقىنى دەلىللىدى

2023-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى دۇنيادا نوپۇزلۇق بولغان «يېڭى ئالىم» ھەپتىلىك ژۇرنىلى ماقالە ئېلان قىلىپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۇرپان رايۇنىدىن تېپىلغان بىر باش سۆڭەكنى تەتقىق قىلىش نەتىجىسى 2700…

ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئۈرۈمچى رايونىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق تۇنجى بىر تۈركۈم تۈرلەر ئىمزالاندى

ئاتالمىش «شىنجاڭ» خەۋەر تورىنىڭ 11-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە: 11-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۈرۈمچى يۇقىرى تېخنىكىلىق رايونى يەنى (يېڭى شەھەر رايونى) دا ئۈرۈمچى ئەركىن سودا رايونىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق…

غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن دىنىزات ۋە ئاخبارات ۋەكىللەر ئۆمىكى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدى

خىتاي مەركىزى خەۋەر تورىنىڭ 6-نويابىردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە: 10-ئاينىڭ 31-كۈنى ، غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن دىنىزات ۋە ئاخبارات ۋەكىللەر ئۆمىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ، قەشقەر ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق رايونلارغا بېرىپ بەش كۈنلۈك زىيارىتىنى رەسمى باشلىغان.

«ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى ئەنگلىيىدە تارقىتىلدى

ئەنگىلىيىدە ياشايدىغان شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان ۋە ئۇيغۇر ھوقۇقى پائالىيەتچىسى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىنىڭ ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە باش بولۇپ ئىشلىشى بىلەن تەرجىمە قىلىنغان ئۇيغۇر شېئىرلار توپلىمى «ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ئەنگلىيىدىكى داڭلىق نەشرىياتلاردىن بىرى بولغان پىنگۋىن نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن 11-ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى رەسمىي مۇراسىم بىلەن تارقىتىلغان.

ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى» تۆت چوڭ ئەزا كۆچۈرۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 11-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېىشىلىچە: خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە كومىتېتى 2023-يىلىدىكى ئادەم ئورگانلىرىنىڭ كۆچۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان.

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG