Press "Enter" to skip to content

«ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى ئەنگلىيىدە تارقىتىلدى

ئەنگىلىيىدە ياشايدىغان شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان ۋە ئۇيغۇر ھوقۇقى پائالىيەتچىسى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىنىڭ ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە باش بولۇپ ئىشلىشى بىلەن تەرجىمە قىلىنغان ئۇيغۇر شېئىرلار توپلىمى «ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ئەنگلىيىدىكى داڭلىق نەشرىياتلاردىن بىرى بولغان پىنگۋىن نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن 11-ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى رەسمىي مۇراسىم بىلەن تارقىتىلغان.

كىتاپ تارقىتىش مۇراسىمى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچ سائەت 6:30 دىن 8:30 غىچە لوندوندىكىئەنگىلىيە پارلامېنت بىناسىنىڭ چارلېستون زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ پائالىيەتتە «ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ناملىق كىتاپنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىمۇ ناھايىتى جانلىق تونۇشتۇرۇلغان. پائالىيەتكە 200 ئەتراپىدا ھەر ساھە كىشىلىرى تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ نەق مەيداندا ئورۇندىغان نومۇرلىرى پائالىيەتكە تېخىمۇ گۈزەل تۈس كىرگۈزگەن.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن مۇراسىمدا سۆزلىگەن نۇتقىدا خىتاي رىجىمىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا سولاپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى، شۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندىمۇ 500 ئۇيغۇر زىيالىي ۋە قەلەم ئىگىلىرىنىڭ بارلىقىنى، خىتاينىڭ مەقسىدىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئ‍ۆز ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسى بولغان، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر شائىرلارنىڭ ئ‍ەنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلىنغان نادىر شېئىرلىرى بىلەن بېزەلگەن، بىر مىليون پارچىدىن ئارتۇق سېتىلىشى مۆلچەرلەنگەن بۇ كىتاپنىڭ تۈرمىدىكى ئۇيغۇر شائىرلارنىڭ دۇنياغا ياڭرىغان ئاۋازى بولۇشىنى، ئۆز تارىخىدىكى ئەڭ قاراڭغۇ دەۋرنى بېشىدىن ئۆتكۈزىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن بىر ئۈمىت نۇرى بولۇپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ كىتابنىڭ نەشىر تارقىتىش مۇراسىمىغا كەلگەن مۇتەخەسىسلەر ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى خىتاي تەرىپىدىن سىستېمىلىق يوقۇتۇلۇشقا دۇچ كەلگەن بۈگۈنكىدەك كۈندە بۇ كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىشى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئىش، شۇنداقلا، خىتاينىڭ بۈگۈنكىدەك ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان زىيالىيلارنى جازالاش، كىتابخانا، نەشرىيات ئورۇنلىرىنى تاقاش، ئۇيغۇرچە كىتابلارنى سېتىشنى چەكلەش قاتارلىق رەزىل سىياسەتلەرنى قوللىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا بۇ كىتابنىڭ دۇنياغا داڭلىق بىر نەشرىيات تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىشى خىتاينىڭ زوراۋانلىقىغا قايتۇرۇلغان بىر ياخشى جاۋاب ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر خۇشاللىنارلىق ئىش، دەپ باھا بەرگەن.

يېقىندا ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا ئەزىز ئەيسا ئەلكۈنگە مۇناسىۋەتلىك قىزىق بىر ئۇچۇر تارقىغان. 10-ئاينىڭ 21-كۈنى ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسى، ئامېرىكا -خىتاي ئىستراتېگىيىلىك رىقابەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك گاللاگېر ئۆزىنىڭ ئېكس ھېساباتىدا ئۇچۇر يوللاپ ئ‍ۆزىنىڭ ۋىسكانسىن شىتاتى دې پېرى شەھرىدىكى بىر دۇكاندا رامكىغا ئېلىنغان «ئەتىرگۈللەر» دېگەن شېئىرنى تاسادىبى ئۇچرىتىپ بەكمۇ ياقتۇرۇپ قالغانلىقىنى. شېئىرنىڭ يازغۇچىسىنىڭ ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئىسىملىك ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلىپ تېخىمۇ ھاياجانلانغانلىقىنى ئورتاقلاشقان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىقىغا بولغان تىلىكىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG