Press "Enter" to skip to content

خىتاي شەرقىي تۈركىتساننڭ تەڭرى تاغ رايونىدا ھەربىي مانېۋىرى ئېلىپ باردى

خىتاي مەركىزى خەۋەرلەر تورىنىڭ: 9-ئاينىڭ 4- كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە: ئۆتكەن ئىككى كۈندە ، ئاتالمىش «شىنجاڭ» ھەربىي رايونىنىڭ مەلۇم بىر قىسم ئەترىتى، تەڭرى تېغىنىڭ ئىچكىرى قىسىملىرىدا كېچە-كۈندۈز، خىلمۇ-خىل ئوق دورا ۋە تانكىلار بىلەن مانېۋىرى ئېلىپ بارغان.

بۇ مانېۋىر ئارقىلىق خىتاي. ھۆكۈمىتى، ئاتالمىش «شىنجاڭ» دىكى ھەربىيلەرنىڭ سەۋىيىسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، جەڭگە ھەرزامان تەييار تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئاتالمىش «شىنجاڭ» ھەربىي رايونىنىڭ مەلۇم قىسمىنىڭ زەمبىرەك ئەترىتى قوماندانى ليۇ فايۈن: بىز يەنە كۆپ ماھارەتلىك ۋە ئەتراپلىق بولغان ئۆزىمىزنىڭ ماھارەت ئەۋزەللىكىمىزنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
يەنە ھەربىي رايونى مەلۇم بىر باتالىيونىنىڭ بىڭتۈەن كوماندىرى دۇ دېچېڭ: بىز ئەمەلىي جەڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى پۈتكۈل مانېۋىرغا بىرلەشتۈردۇق ۋە نىشاننى رازۋېدكا قىلىش ۋە دۈشمەننى تەسپىت قىلىش ئىقتىدارىمىزنى يۇقىرى كۆتۈردۇق، بىز ھەر ۋاقىت دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن جەڭ قىلىشقا تەييارمىز دەپ بىلجىرلىغان.

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG