Press "Enter" to skip to content

خەۋەرلەر

جاڭ چۈنلىن خوتەندە خىتاي تىلىنى تېخىمۇ ئومۇملاشتۇرۇش توغرىسىدا توختالدى

خىتاي مەركىزى خەۋەر تورىنىڭ 11-ئاينىڭ 2-كۈندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىشىلىچە: 10-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولغان، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون» نى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كاتىپى ۋەمائارىپ خىزمەت كومىتېتىنىڭ كاتىپى جاڭ چۈنلىن خوتەن رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش جەريانىدا، خىتاي دۆلەت تىلى ۋە يېزىق ئومۇملاشتۇرۇش ۋە تەشۋىق قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئەركىن سودا رايونىنىڭ ئومۇمىي پىلانى» نى ئېلان قىلدى

خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەر تورىنىڭ 10-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە: 31-ئ‍ۆكتەبىر كۈنى،خىتاي پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ۋە دۆلەت كېڭىشى تەرىپىدىن ئاتالمىش «خىتاي شىنجاڭ ئەركىن سودا رايونى قۇرۇش ئومۇمىي پىلانى» ئېلان قىلىنغان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ ئەركىن سودا رايونى» قۇرۇش پىلانى، خىتاي پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ۋە دۆلەت كېڭىشى تەرىپىدىن چىقىرىلغان مۇھىم قارار بولۇپ، بۇ قارار يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك تەدبىرلەردىن بىرى ئىكەن.

خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا بىلەن «بىر بەلۋاغ بىر يول» قانۇنى ھەمكارلىق مۇزاكىرە يىغىنى ئاچتى

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 10-ئاينىڭ 31-كۈنىىدكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە: 30-چېسلادىن 31-چېسلاغىچە قەشقەر شەھىرىدە تۇنجى قېتىملىق خىتاي (قەشقەر) – ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا قانۇن بىلەن باشقۇرۇش مۇنبىرى يىغىنى ئۆتكۈزدى.

بۇ يغىنغا نېپال ، سىرىلانكا ، قازاقىستان ، پاكىستان ، ھىندىستان ، قىرغىزىستان ، ئۆزبېكىستان ، تاجىكىستان ، تۈركمەنىستان ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن سوتچىلار ، تەپتىشلەر ، ئالىملار ، ئادۋوكاتلار ۋە خىتاي ۋەكىللىرى قاتارلىق مۇھىم شەخسلەر قاتناشقان بولۇپ، «بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئورتاق قانۇن كاپالىتى» تېمىسىدا، چوڭقۇر مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، قانۇن ئارقىلىق خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش ۋە قانۇن يۈرگۈزۈش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستانغا ساياھەت باھانىسى بىلەن خىتايلارنى قىزىقتۇرماقتا

خىتاي تېلېۋىزيە تورىنىڭ:10-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىشىلىچە: مۇشۇ ئاينىڭ 24-كۈنى ئاتالمىش «2023-شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدا خىتاي مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىكى ۋە ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە 19 ئۆلكە ، شەھەردىن شەرقىي تۈركىستانغا ساياھەتچىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى خوتەن شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن.

خىتاي شەرقىي تۈركىتساننڭ تەڭرى تاغ رايونىدا ھەربىي مانېۋىرى ئېلىپ باردى

خىتاي مەركىزى خەۋەرلەر تورىنىڭ: 9-ئاينىڭ 4- كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە: ئۆتكەن ئىككى كۈندە ، ئاتالمىش «شىنجاڭ» ھەربىي رايونىنىڭ مەلۇم بىر قىسم ئەترىتى، تەڭرى تېغىنىڭ ئىچكىرى قىسىملىرىدا…

قەشقەردىن-شېنجېنغا بارىدىغان تۇنجى قېتىملىق زەنجىرسىمان پويىز يولغا چىقتى

خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقى تورىنىڭ 9-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە: 9-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇنجى قېتىملىق، قەشقەر-شېنجېن يېڭى يېمەكلىكنى سوغۇق ساقلاپ توشۇيدىغان زەنجىرسىمان پويىزى قەشقەر بېكىتىدىن-شېنجېنغا قاراپ يولغا چىققان.…

«ئىستانبۇلدا 20 لېكسىيە-2023» ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلار، ئۇيغۇر پروجېكت فوندى بۇ يىل (يەنى 2023-يىلى) 9-ئايدا، «ئىستانبۇلدا 20 لېكسىيە-2023» دېگەن بىر پائالىيەتنى ئۆتكۈزىدۇ. ئۇنىڭدا ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن…

خىتاي ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئىنتېرنېت مەدەنىيەت يىغىنى ئاچتى

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 7-ئاينى26-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە: خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يول يورىقىغا ئاساسەن ئاتالمىش«شىنجاڭ»نىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە ئائىت مۇھىم كۆرسەتمىلىرىنى يولغا قويۇش…

روسىيە ئاخبارات ۋەكىللەر ئۆمىكى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدى

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 08-10-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە: 8-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە ، روسىيەنىڭ 11 كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇرۇمچى ، قەشقەر ۋە باشقا جايلارنى زىيارەت…

بۇ يىل 8000 دىن ئارتۇق پويىزى شەرقى تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا پورتىدىن ئۆتكەن

تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ 7-ئاينىڭ-26-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە: خىتاي ئاتالمىش «شىنجاڭ» نىڭ ئورۇن ۋە رايون ئەۋزەللىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، شەرقى تۈركىستاندىكى ھەرقايسى چېگرا رايونلىرىنىڭ ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان…

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG