Press "Enter" to skip to content

ما شىڭرۈي ۋە ئەركىن تۇنىياز ئۆزبېكىستان سودا مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى قاسىموف بىلەن كۆرۈشتى

  خىتاي تەڭرىتاغ تورىنىڭ 16-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە، 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي ۋە قورچاق رەئىس ئەركىن تۇنىياز ئۆزبېكىستان مەبلەغ سېلىش ۋە سودا-سانائەت مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى قاسىموف ۋە ئۇنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئۈرۈمچىدە كۆرۈشكەن.

  ما شىڭرۈي يىغىن جەريانىدا:«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدىكى ئالاقىسى ۋە خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈر يولى قاتارلىق ئاساسلىق تۈرلەرنىڭ ئۆز-ئارا تەرەققىياتى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈلدى. شىنجاڭ بىلەن ئۆزبېكىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا پايدىلىنىدىغان ۋە تەڭ پايدا ئالىدىغان ۋەزىيەت داۋاملىق ياخشىلىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە سانائىتى، چارۋىچىلىق تېخنىكىسى، ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش، دېھقانچىلىق ۋە يېزا ئىگىلىك قاتارلىق مۇھىم ساھەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تىرىشچانلىقلار داۋام قىلىۋاتىدۇ. دۆلەتلەر ئارا باقمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى سودىسى ، مەدەنىيەت ساياھىتى، مائارىپ ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش ۋە ئۇچۇش لىنىيىسىنى كېڭەيتىش قاتارلىقلار ساھەلەرنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا زور ياردىمى بولىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

  قاسىموف ئاتالمىش شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردا قولغا كەلتۈرگەن يېڭى تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىپ: «ئۆزبېكىستان بىلەن شىنجاڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇش كۈنسېرى قويۇقلاشتى. ئىقتىسادى سودا ۋە باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىق داۋاملىق تەرەققىي قىلدى.  ئۆزبېكىستان ئىككى تەرەپنىڭ كۆپ خىل ھەمكارلىق تۈرلىرىنى تېزلىتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن شىنجاڭدىكى  مەبلەغ سالغۇچىلارنى ياخشى مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ تېزدىن يولغا قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG